بايدىن بىلەن بلىنكېن نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا ئىسرائىلىيەگە قىلىنىدىغان بۇنىڭدىن كېيىنكى ياردەملەرنىڭ «پۇقرالارنى قوغداش يولىدا تاشلىنىدىغان تەدبىرلەر»گە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2125137
بايدىن بىلەن بلىنكېن نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، بايدىن «دۇنيا مەركىزى ئاشخانىسى (WCK)» ناملىق خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتىنىڭ 7 خىزمەتچىسىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا مەركىزى ئاشخانىسى بىلەن رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى، ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە ياردەم ئورگانلىرى خادىملىرىنى قوغداش يولىدا كونكرېت، ئېنىق ۋە ئۆلچەملىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىن، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن «جىددىي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش كېرەكلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە نېتانياھۇغا «ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىدىغان بۇنىڭدىن كېيىنكى ياردەملىرىنىڭ <پۇقرالارنى قوغداش يولىدا تاشلىنىدىغان تەدبىرلەر>گە باغلىق بولىدىغانلىقى»نى ئېيتقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تېزدىن غەززەدىكى پۇقرالار بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگانلىرى خادىملىرىنى قوغداش ئۈچۈن تاشلايدىغان «كونكرېت، ئەمەلىي ۋە ئۆلچەملىك» قەدەملەرنى ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر بىز غەززەدە زۆرۈر ئۆزگىرىشلەرنى كۆرمىسەك، سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، غەززەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر