پېسكوۋ: رۇسىيە بىلەن ناتونى بىۋاسىتە تىركىشىش ھالىتىدە دېيىشكە بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ نۆۋەتتە «بىۋاسىتە تىركىشىش» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2124951
پېسكوۋ: رۇسىيە بىلەن ناتونى بىۋاسىتە تىركىشىش ھالىتىدە دېيىشكە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ نۆۋەتتە «بىۋاسىتە تىركىشىش» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ناتو ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشقا ئاللىقاچان قاتناشقانىدى؛ ئەمدىلىكتە چېگرمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، يېقىن ئەتراپىمىزدىكى ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ غەربنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيەنى ئالدىغانلىقىنى، ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ناتونىڭ كېڭىيىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىرى دائىرىسىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

غەرب بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ناتونىڭ مۇداپىئە بىرلەشمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك قارارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ناتو ئۇكرائىناغا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، كىيېۋنى پەقەت قورال، ھەربىي مەشىق ۋە ئىستىخبارات ياردىمى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رۇسىيەنىڭ قارىشىچە بولغاندا، بۇ قەدەملەر ناتونى توقۇنۇشنىڭ ئەمەلىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرىدىكەن.

ۋىلادىمىر پۇتىن فېۋرال ئېيىدا بايانات بېرىپ، رۇسىيە بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە توقۇنۇش يۈز بەرسە، دۇنيانىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گىردابىغا بېرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر