سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئازەز ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئازەز ناھىيەسىدە بومبا ئاپتوموبىل پارتىلاپ، تۆت كىشى قازا قىلدى ۋە 20 كىشى يارىلاندى.

2122578
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئازەز ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىسنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىۋاتقان ئازەز ناھىيەسىنىڭ بىر ئاۋات كوچىسىدا پارتىلاش يۈز بەردى.

تېررورلۇق ھۇجۇمىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۆت پۇقرا قازا قىلىپ، 20 پۇقرا يارىلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەتراپتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. يارىلانغانلار ئازەز دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىنغان.

نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرگەن يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى، ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر