ئەرمېنىيەدە 3 كىشى ساقچى ئىدارىسىغا قول بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى

ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋاندا 3 كىشى قول بومبىسى بىلەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىناسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

2119651
ئەرمېنىيەدە 3 كىشى ساقچى ئىدارىسىغا قول بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Armenpress» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىملىكى نامەلۇم 3 ھۇجۇمچى قول بومبىسى بىلەن پايتەخت يېرېۋاندىكى نور نورك رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىناسىغا بارغان.

ھۇجۇمچىلار ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ جەرياندا قول بومبىسى پارتلىغان.

پارتلاشتا، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى يارىلانغان. يارىلانغان ھۇجۇمچىلار كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۈچىنچىسى ساقچىلار بىلەن بىر مەزگىل سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرغان، ئاندىن ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر