ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، غەززە رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ « خەلققە قارشى يوقىتىش ئۇرۇشى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2119712
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىگە جايلاشقان ئەمەل دوختۇرخانىسى ۋە ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.  

باياناتتا، «ئىسرائىلىيە ئەمەل دوختۇرخانىسى ۋە ناسىر دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلماقتا. غەززەدىكى سەھىيە سىستېمىسى ۋە دوختۇرخانىلارغا قارىتا فاشىستلارچە ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.  

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى بارلىق ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ دوختۇرخانىلارنى يوقىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆز زېمىنىدىن قوغلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خەلقىمىزگە قارشى يوقىتىش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا خەلقىمىزگە قارىتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە قارشى ھېچكىم ھەرىكەتكە ئۆتمەيۋاتىدۇ» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا 18-مارتتا قىلغان ھۇجۇمىدا، 170 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر