گۇتېررېس بىلەن سامىھ شۈكرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

2119677
گۇتېررېس بىلەن سامىھ شۈكرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس قاھىرەدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى: «غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلىمىز. غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى كىرىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭ تىراگېدىيەلىك ھال ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاشقا ۋە كوللېكتىپ ھالدا جازالاشقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس مىسىرنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن دۇنياۋى قۇتۇپلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە شۈكرى بىلەن غەززەدە قىيىن شارائىتلار ھەمدە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «دۇنيا قورال ئاۋازلىرىنى جىمىقتۇرۇش ۋە غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ» دېدى.

ئۇ پەلەستىن خەلقىنى كوللېكتىپ جازالاشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى كىرىدىغان ئاساسلىق جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ تومۇرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىغا چەكلىمە قويۇش تۈپەيلىدىن تىقىلىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ 32 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر