غەززەدىكى توقۇنۇشتا يەنە بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشتا يەنە بىر ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2119343
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ناخال بىرىگادىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 21 ياشلىق سېرژانت لىئور راۋىۋنىڭ شەنبە كۈنى ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7-ئۆكتەبىردە غەززە رايونىغا ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشنى باشلانغاندىن بۇيان، 595 نەپەر ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلاردىن 252 نەپىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.