دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى: ھۇجۇمنىڭ ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوق

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمنىڭ ئىسلام بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

2119179
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى: ھۇجۇمنىڭ ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى باش كاتىپى ئەلى قاراداغى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ موسكۋادىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىسلام بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلار ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقلىرىنى داۋراڭ قىلىشسىمۇ، ئۇلار ئىسلامنى ئەمەس، بەلكى رايون ۋە خەلقئارالىق ئىستىخبارات جاسۇسلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان قاراداغى، موسكۋادىكى ھۇجۇمنىڭ زىئونىستلارنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇزۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى غەززەدىن باشقا ياققا بۇراشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈنۈگۈن قوراللىق كىشىلەر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت كونسېرت زالىغا ھۇجۇم قىلىپ، 40 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 60 نەپىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 115 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بولسا، موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 60 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر