بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

2118301
بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان رەفاھ شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر بىن فەرھان بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ جىددەدە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىۋاتقان سەرگەردان پەلەستىنلىكلەرنىڭ پاناھگاھى رەفاھنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغان بىن فەرھان بىلەن بلىنكېن، غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنى «پات يېقىندا» تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەززە ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 14 مىڭى بالا ۋە 9 مىڭ 220 سى ئايال بولۇپ، جەمئىي 31 مىڭ 923 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 74 مىڭ 96 ئادەم يارىلاندى.

ئىگىلىنىشچە، خارابىلىكلەر ئاستىدىمۇ مىڭلارچە جەسەت بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر