ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

پەلەستىن ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىگە تۈنۈگۈن (18-مارت) ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2117377
ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ شىمالىي ۋە مەركىزىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مىليونلارچە كىشى بولغان رەفاھ شەھىرىنى ئىشغال قىلماسلىق توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماستىن قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ھەمدە سىستېمىلىق ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە رەفاھنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقى، بومباردىماندا نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسىرائىلىيە رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. خەلقئارالىق نارازىلىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ھۇجۇمنى ئېلان قىلمىدى ۋە ھېچكىمنىڭ رۇخسەت قىلىشىنىمۇ كۈتمىدى.»

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن كېچە رەفاھ شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانسىنىڭ 15-مارتتىكى باياناتىدا، رەفاھ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلاش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاچارچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان غەززەدە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردا يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 93 كىشى ئېشىپ، 31 مىڭ 819 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر