پاراشوت بىلەن  تاشلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

غەززەنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن تاشلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ئېلىشقا تىرىشقان پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قىستى – قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن بىر كىشى قازا قىلىپ، بەزى كىشىلەر يارىلاندى.

2116399
پاراشوت بىلەن  تاشلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىكلەر شىمالدىكى بەيت لاھىياغا ئايروپىلانلاردىن پاراشوت بىلەن تاشلانغان ياردەملەرنى ئېلىش ئۈچۈن رايونغا سەل بولۇپ ئاقتى.

سەھىيە مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يۈز بەرگەن قىستى – قىستاڭچىلىقتا بىر پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، بەزىلىرى يارىلانغان.

يارىلانغانلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،  غەززەدە ياشايدىغان 2 مىليون 300 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى 10-مارتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 17 يىلدىن بېرى قورشاۋدا تۇتۇپ كەلگەن غەززە رايونىدا «ھەممە يەرنى ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن» لىكى  بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ب د ت غەززە رايونىدا 2 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئىدى. غەززە رايونىدىكى ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 27 كىشىگە ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 13 مىڭ 500 كىچىك بالا ۋە 9 مىڭ ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 31 مىڭ 553 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى ھەمدە 73 مىڭ 546 پەلەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر