پەلەستىننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى: غەززەسىز دۆلەت بولمايدۇ

پەلەستىننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستاپا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «غەززەسىز دۆلەت بولمايدۇ» دېدى.

2116179
پەلەستىننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى: غەززەسىز دۆلەت بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مىنىستىر مۇھەممەد مۇستاپا دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا <19-ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى> توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىغان.

ئۇ مەكتۇپىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «مىللىي دەۋايىمىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ باسقۇچنىڭ، ئىرادىلىك خەلقىمىزنىڭ قىيىن شارائىتىنىڭ ۋە نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.

مۇستاپا مەكتۇپىدا غەززە مەسىلىسىنى  ئالاھىدە تەكىتلەپ: «غەززەسىز دۆلەت بولمايدۇ، غەززەدىمۇ قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن يىراق دۆلەت بولالمايدۇ» دېگەن.

ئۇ «دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە، بولۇپمۇ پەلەستىننىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى قۇددۇستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتىللىق، سېلىنىۋاتقان ۋەيرانچىلىق، يەھۇدىي كۆچمەنلەر تېررورلۇقى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ باستۇرۇپ كىرىپ قولغا ئېلىش قىلمىشلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئىقتىسادىي مۇھاسىرە ۋە پەلەستىن مەبلىغىنى مۇسادىرە قىلىش سىياسەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پەلەستىننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى مۇستاپا يەنە: «پەلەستىن خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان ھۇجۇملار تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشنى، سەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى شۇنداقلا ئەرەب ۋە خەلقئارا سەھنىدە داۋاملىق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئۇ يېڭى ھۆكۈمەت تەستىقلانغان ھامان غەززەدىكى كىشىلەرنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پەلەستىن ئاساسىي قانۇنىنىڭ 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يېڭى باش مىنىستىر ئۈچ ھەپتە ئىچىدە كابىنېت ئەزالىرىنى بېكىتىپ، تەستىقلىتىش ئۈچۈن دۆلەت رەئىسىگە يوللىشى شەرت. يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا قوشۇمچە ئىككى ھەپتە مۆھلەت بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر