ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلغار ئىقتىدارلارغا مەبلەغ سېلىش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2116124
ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېنس ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئورگىنىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتونڭ ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەسىگە، ياخشى مەشىقلەندرۈلگەن قابىلىيەتلىك قوراللىق قىسىملارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، شۇنداقلا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلغار ئىقتىدارلارغا مەبلەغ سېلىش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمەن، بۇ مۇھىم. مەن يەنە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللار بويىچە مەشغۇلاتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈكلۈكى ئىسپاتلانغان بايراقتار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلىقىنىمۇ قارشى ئالىمەن» دېدى.

ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ سودا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىمۇ قىممەتلىك ھېس قىلىمەن. ئۇ ناتونىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىمدىن خۇشالمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئورتاق مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىش ۋە ئۇكرائىنانى قوللاش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر