رۇسىيەدە ئۈچ كۈن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

رۇسىيەدە 15- 16-ۋە 17-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، 112 مىليون 309 مىڭ 947 سايلىغۇچى ئاۋاز تاشلايدۇ.

2115569
رۇسىيەدە ئۈچ كۈن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە 15- 16-ۋە 17-مارت كۈنلىرى سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا 1 مىليون 890 مىڭ 863، قازاقىستاندىكى بايقونۇر ئالەم بازىسىدا 11 مىڭ 924 سايلىغۇچى ئاۋاز تاشلايدۇ.

رۇسىيە 2014-يىلى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئۇكرائىنانىڭ قىرىم رايونىدا، 2022-يىلى قوشۇۋېلىنغان دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىدىمۇ سايلام ئۈچۈن سايلام ساندۇقلىرى تەسىس قىلىندى.

سايلامدا پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن تۆت نامزات رىقابەتلىشىدۇ. پۇتىن بىرلەشمە رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇستەقىل نامزات سۈپىتىدە سايلامغا قاتنىشىدۇ.

قالغان ئۈچ پارتىيەنىڭ نامزاتلىرىدىن لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى لېيونىد سلۇتسكىي، كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نىكولاي خارىتونوۋ، يېڭى ئىنسانلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ۋلادىسلاۋ داۋانكوۋ قاتارلىقلارمۇ پىرېزىدېنت نامزاتلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.

بۇ قېتىمقى رۇسىيە سايلىمىنى 36 دۆلەتتىن كەلگەن خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى پارلامېنتلار ئارا ئانسامبىلى، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ 200 دىن ئارتۇق خادىمى كۆزىتىدۇ.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى «سايلامنىڭ بىرەسمىي ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا ۋە پارلامېنتلار ئارا تەشكىلاتلارغا تەكلىپ ئەۋەتمىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا قاتارلىق رايونلاردا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تەكلىپ ئەۋەتىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر