مىنىستىر ماھىنۇر گۆكتاش «ئايال رەھبەرلەر» يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش نەچچە مىڭلىغان بالا ۋە ئايال ھاياتىدىن ئايرىلغان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

2115356
مىنىستىر ماھىنۇر گۆكتاش «ئايال رەھبەرلەر» يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر گۆكتاش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۈركئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ئايال رەھبەرلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەئىسلىرى يىغىنى»غا قاتناشتى.

گۆكتاش ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا تاشلانغان قەدەملەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئاياللار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى ئۆزگىچە ئەندىزە دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن گۆكتاش: «بىز تۈركىيەدە 1012 يېڭى ئاياللار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىدۇق. ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەلىرىدە مەۋجۇتلۇقلىرىنى ئىسپاتلىغان ئاياللار، رەقەملىك تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى رىقابەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر