جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە ئۇرۇش قىلغان پۇقرالىرىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

جەنۇبىي ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نالېدى پاندور، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلكىگە قەدەم باسقان ھامان قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2115183
جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە ئۇرۇش قىلغان پۇقرالىرىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نالېدى پاندور ئافرىقا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىشى توغرىسىدىكى يىغىندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن ھامان قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «مەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزى جەنۇبىي ئافرىقالىق تۇرۇپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن بىللە ياكى ئىچىدە جەڭگە قاتناشقانلارنى <بىز تەييار، يۇرتقا قايتقان چېغىڭلاردا سىلەرنى قولغا ئالىمىز> دەپ ئاگاھلاندۇردۇم» دېدى.

پاندور سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز پەلەستىن خەلقى بىلەن (ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم باشلىغان) 8-ئۆكتەبىر (2023) دە تونۇشمىدۇق، ئۇلار بىلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر