رۇسىيە ئەنگلىيە بىلەن تۈزگەن بېلىقچىلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 1956-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىمزالانغان بېلىقچىلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.

2114324
رۇسىيە ئەنگلىيە بىلەن تۈزگەن بېلىقچىلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان پەرماننىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەنگلىيە بېلىقچىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ بارېنتس دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتۇشى چەكلەندى.

1956-يىلى ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەنگلىيە بېلىقچىلىق كېمىلىرى بارېنت دېڭىزىنىڭ بەزى رايونلىرىدا بېلىق تۇتالايتتى.

بۇ كېلىشىم سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولغانىدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى—دۇما باياناتچىسى ۋياچېسلاۋ ۋولودىن ئۆتكەن ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىليەلىكلەرنىڭ 68 يىلدىن بۇيان رۇسىيە بېلىقىنى يەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلارنىڭ ئورۇقلاپ، ئەقلىنى تاپىدىغان پەيتى (كەلدى)» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر