ئامېرىكادا خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 5 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكادا بىر خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 5 كىشى قازا قىلدى.

2113594
ئامېرىكادا خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 5 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋىرجىنىيە ئىشتاتلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، «IAI Astra 1125» تىپلىق قوش موتورلۇق خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق بات رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن،ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، ئايروپىلاندىكى بىر كچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 5 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر