كىم جوڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇش مانېۋىرلىرىنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇش مانېۋىرلىرىنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

2112269
كىم جوڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇش مانېۋىرلىرىنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى» گە قارشى چېكىندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «ئەركىنلىك قالقىنى» مانېۋىرى باشلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ھەربىي بازىنى زىيارەت قىلغان.

كىم جوڭئۇن مەشىق ئەسلىھەلىرى ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ مەشىقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ئارمىيەگە كۈچتۈڭگۈر دۈشمەنلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ «ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ كىچىك ئۇرۇنۇشلىرى» نى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مانېۋىرلارنى كۆپەيتىشنى بۇيرۇغان.

كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا «ئورتاق مۇداپىئە مەيدانىنى كۈچەيتىش» مەقسىتىدە 4 - مارت (2024) تا «ئەركىنلىك قالقىنى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان ئىدى.

مانېۋىردا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مۇداپىئە مەيدانىنى كۈچەيتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە تور قوراللىرى ئارقىلىق كۆپ ساھەلىك مەشغۇلاتلارغا ھەمدە يادرو مەشغۇلاتلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەركەزلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە بولسا، بۇ خىل بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى «تاجاۋۇزچىلىق مەشىقى» دەپ تەرىپلىگەن. سېئۇل ۋە ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بولسا، ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر