خۇسىيلار ئامېرىكانىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان

يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2111776
خۇسىيلار ئامېرىكانىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بۇ ھەقتە ھېچقاداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن بۇيان يەمەننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە شىركەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يەنە بەزى پاراخوتلارغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر