ئىراندا 5.6 بال يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىدى.

2111163
ئىراندا 5.6 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ فەنۇج بازىرىدا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07.50 دە 5.6 بال يەر تەۋرىگەن.

يەر تەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن 80 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

سىستان-بالۇچىستان كىرىزىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باياناتىدا، رايوندىن ھازىرچە زىيان كۆرۈلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ كەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر