مېدۋېدېۋ ئۇكرائىنا زېمىنى بۆلۈشۈۋېلىنغان بىر خەرىتىنى كۆرسەتتى

رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى دمىترى مېدۋېدېۋ سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرى بۆلۈشۈۋېلىغان بىر خەرىتىنى كۆرسەتتى.

2111083
مېدۋېدېۋ ئۇكرائىنا زېمىنى بۆلۈشۈۋېلىنغان بىر خەرىتىنى كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى دمىترى مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن (4-مارت) سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلىق فېستىۋالىدا ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ رۇسىيە، پولشا، رۇمېنىيە ۋە ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا بۆلۈشۈلگەن بىر خەرىتىنى كۆرسەتتى.

خەرىتىدە پەقەت كىيېۋ ۋە ئەتراپىدىكى كىچىك بىر رايوننىڭ ئۈستىدە «ئۇكرائىنا» دەپ يېزىلغان ئىدى.

دمىترى مېدۋېدېۋ يەنە، «دىنيېپېر» نىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايوننىڭ رۇسىيەنىڭ تارىخىي ئىستراتېگىيەلىك چېگرالىرىنىڭ «ئايرىلماس پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەرىتىدە، ترانسدىنيېستېر مولداۋىيەنىڭ پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ.

دمىترى مېدۋېدېۋ ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ: «بۈگۈنكى ۋەزىيەت 1962-يىلدىكىدىنمۇ خەتەرلىك. بۇ رۇسىيەگە قارشى ئامېرىكانىڭ قوراللىرى بىلەن، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان تولۇق ئەسلىھەلىك ئۇرۇش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر