نىككىي خالېي سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئۈستىدىن تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى

ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاينىشىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ كاندىدات نامزاتلىرىدىن نىككىي خالېي (Nikki Haley)، ۋاشىنگتوندىكى دەسلەپكى سايلامدا پارتىيە ئىچىدىكى رەقىبى ترامپ ئۈستىدىن تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

2110572
نىككىي خالېي سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئۈستىدىن تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى دەسلەپكى سايلىمى ئاخىرلاشقان.

نىككىي خالېي ۋاشىنگتوندىكى سايلامدا %63 ئاۋازغا ئېرىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالغان. سابىق پىرېزىدېنت ترامپ %33 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

نامزات بولۇش ئۈچۈن جەمئىي 1215 ۋەكىلگە ئېھتىياجلىق بولغان نىككىي خالېي، ۋاشىنگتوندىكى غەلىبىسىدە 19 ۋەكىلگە ئېرىشىپ، ۋەكىل سانىنى 43 كە چىقاردى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «مەن مەقسەتلىك ھالدا ۋاشىنگتون پاتقاقلىقىدىن يىراق تۇردۇم» دېدى.

ئامېرىكادا مىسسۇرى، ئايدىياخۇ ۋە مىشىگان ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سايلاملاردا، ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقى ئۈچۈن كېرەك بولغان 1215 ۋەكىلنىڭ 244 ىگە ئېرىشتى. نىككىي خالېي 24 ۋەكىلگە ئېرىشكەن ئىدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ھالقىلىق كۈنلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ۋە 16 ئىشتاتتا دەسلەپكى سايلاملار ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۈيۈك سەيشەنبە»، يەنى 5-مارتتىن كېيىن، پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ئەھۋالى ئېنىقلىشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر