ھاماس غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشماقتا

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ  بۇ يەردىكى ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2110590
ھاماس غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى ھاماس ھەيئىتىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرەگە بارغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ توغرىسىدا مىسىر ھەمدە قاتار ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پۈتكۈل غەززەدىن چېكىنىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر ئەمەلدار، كېلىشىم تۈزۈلىدىغان ۋاقىتنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسىرائىلىيەدە چىقىدىغان ھارېيتىز گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ھاماس مەسئۇلىمۇ، يېڭى ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا «بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە، تۇنجى قېتىم 13-فېۋرال (2024) دا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە يىغىن چاقرىلغان ئىدى. كېيىنچە بۇ مۇزاكىرەلەر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا داۋاملاشقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر