ئەردوغان: «ئەمدىكى مەقسىتىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن  ئېلىش»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانتاليا دوختۇرخانا شەھرى ۋە ئۇلىنىش يوللىرىنىڭ ئېچىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

2110103
ئەردوغان: «ئەمدىكى مەقسىتىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن  ئېلىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان <تۈركىيە ئەسرى> تەسەۋۋۇرى بىلەن تېخىمۇ چوڭ نىشانلارغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەمدىكى مەقسىتىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئالدىن قاتارىدىكى ئورنىمىزغا ئېرىشىشتۇر» دېدى.

ئەردوغان دوختۇرخانا شەھەرلىرىنى تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرغان بۆسۈش خاراكتېرلىق سىمۋولى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «دۆلىتىمىزنى 4 ئاساسىي تۈۋرۈك ئۈستىدە يۈكسەلتىشكە ۋەدە بەرگەن، بىز بۇلارنى مائارىپ، سەھىيە، ئادالەت ۋە بىخەتەرلىك دەپ رەتكە تىزغان ئىدۇق. بۇ ساھەلەردە بىز ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە تىنچ ۋە بىخەتەر دۆلەتتە ياشىماقتىمىز» دېدى.

دوختۇرخانا شەھەرلەرنىڭ تۈركىيەگىلا خاس يېڭى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، پۇقرالارنىڭ ئىلگىرى دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا تۈركىيەنىڭ بارلىق تارماقلاردا دېگۈدەك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى سەھىيە مۇلازىمىتى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «تۈركىيە ئەسرى تەسەۋۋۇرى بىلەن بىز تېخىمۇ چوڭ نىشانغا يۈزلەندۇق. ئەمدىكى مەقسىتىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئورنىمىزغا ئېرىشىشتۇر. بىز ياشلىرىمىزغا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە بىلەن ھەر ساھەدە پەخىرلىنەلەيدىغان بىر دۆلەتنى قالدۇرۇشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلىمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر