پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر 17 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى ۋە 23 كىشى يارىلاندى.

2110131
پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر 17 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Tribune» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاسالانغاندا، خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ بەزى رايونلىرىدا، بولۇپمۇ پېشاۋار، لوۋىردىر ۋە باجاۋۇر قاتارلىق جايلاردا ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بەزى ئۆيلەر تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن تۇپراق ئاستىدا قالغان.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پېشاۋاردا 7 كىشى، لوۋىردىردا 3 كىشى بولۇپ، جەمئىي 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 23 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  

دائىرىلەر يارىلانغانلارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، لاھور، بالۇچىستان، كاراچى ۋە شىمالدىكى تاغلىق رايونلار قاتالىق دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغىمۇ ناچار ھاۋارايى شارائىتى ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.  

كاراچىدا دائىرىلەر قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن «جىددى ھالەت» ئېلان قىلدى. پەسىللىك يامغۇر لاھورنىڭ بەزى جايلىرىدا تۇرمۇشقا سەلىبىي تەسىر كۆرسەتتى.

بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ گۋادر ناھىيەسىمۇ يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قاتارىدا بولۈپ، پاسكىنا سۇلار تېشىپ چىقتى ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەر ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر