ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 5-مارت غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.

2109918
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورگان تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-مارتتىكى يىغىنىدىن ئىلگىرى، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» باش ئىشتابىدا «يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى ۋە قارار لايىھەسى» ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت، شۇنداقلا خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى سوتلاش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، كەم دېگەندە 13230 نەپىرى كىچىك بالا، 8860 نەپىرى ئايال بولۇپ، جەمئىي 30228 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 71337 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

خارابىلىكلەر ئاستىدا مىڭلارچە ئۆلۈك بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە؛ ئىسرائىلىيە خەلق پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەمۇرىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) ۋە شەرقىي قۇددۇستا 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا  413 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر