ياۋروپا پارلامېنتى ئىسىرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى رەت قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىسىرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش تەكلىپى %70 تىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاۋازى بىلەن رەت قىلىندى.

2109606
ياۋروپا پارلامېنتى ئىسىرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سول گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېكس (X) ئادرېسىدا ھەمبەھرلەنگەن ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، گۇرۇپپا ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان «ئورتاق تاشقى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى» مەسىلىسى بويىچە تەييارلانغان 2023-يىللىق دوكلاتقا، يېڭى بىر ماددا قوشۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا 534 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ %73 گە توغرا كېلىدىغان 393 ئەزا قارشى ئاۋاز تاشلىغان.

تەلەپ قىلىنغان ماددىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىسىرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىشنى دەرھال چەكلەش چاقىرىق قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىسىرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمىنىڭ «جىنايەتكە شېرىك بولۇش جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك» دەپ قوبۇل قىلىدىغان ماددىسى بويىچە «پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن» خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلنىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىشنىڭ چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلغان گۇرۇپپا، بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز تاشلىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنىمۇ ئېلان قىلدى ۋە ئۇلارنى «پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش ۋە قوللاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر