رۇسىيە بېنزىن ئكىسپورتىنى چەكلىدى
رۇسىيە بۈگۈن (2024-يىلى 1-مارت) دىن باشلاپ بېنزىن ئېكىسپورت قىلىشنى ئالتە ئاي چەكلىدى.
2109557
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت يېقىلغۇ بازىرىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش چارە-تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ رامكىدا بۈگۈندىن باشلاپ بېنزىن ئېكىسپورت قىلىشنىڭ ئالتە ئاي چەكلەنگەنلىكىنى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرگە كېلىشىم بويىچە يېقىلغۇ توشۇشنىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئالېكساندىر نوۋاك چارشەنبە (28-يانۋار) ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېنزىن ئېكىسپورتىنى چەكلەش قارارىنىڭ پىلان قىلىنغاندىن بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇسىيە2023-يىلى سېنتەبىردىمۇ بېنزىن ۋە دېزىل باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن بېنزىن ئېكىسپورتىنى چەكلىگەن، ئەمما ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.