لاۋروۋ ئانتاليادا ئېچىلىدىغان «دىپلوماتىيە مۇنبىرى»گە قاتنىشىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 1-مارتتىن 3-مارتقىچە داۋام قىلىدىغان 3-نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

2108735
لاۋروۋ ئانتاليادا ئېچىلىدىغان «دىپلوماتىيە مۇنبىرى»گە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مىنىستىر لاۋروۋنىڭ پىروگراممىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

لاۋروۋنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زاخاروۋا: «لاۋروۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1-، 2-مارت كۈنلىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ. لاۋروۋنىڭ يەنە تۈركىيەلىك مەنسەپدىشى (خاقان فىدان) بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ پىلانلانماقتا» دېدى.

ئۇ ئىككى مىنىستىرنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، بانكا ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى؛ ئۇكرائىنا، جەنۇبىي كاۋكاز ۋە پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر