غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى ھەربىي ئوفىتسېرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززە رايونىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە يەتتە ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2108407
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى ھەربىي ئوفىتسېرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا،غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئەز-زەيتۇن مەھەللىسىدە بومبا تۇزاقلىرىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زور يوقىتىشقا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەدە، مايور (مىڭ بېشى)  ئىفتاھ شاھار ۋە كاپىتان (يۈز بېشى) ئىتاي سەيفنىڭ ئۆلگەنلىكى، يەتتە ئەسكەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە، غەززە رايونىغا ۋەھشىيانە ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان، 582 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلگەن، 2988  كىشى يارىلانغان، بۇلاردىن 242 نەپىرى قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تۈنۈگۈن (27-فېۋرال) غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشتا، 13 ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر