ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇدەيدە بومباردىمانىنى كۆپەيتتى

يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىنى بەش قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2107789
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھۇدەيدە بومباردىمانىنى كۆپەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىگە قاراشلىق ئەسسالىف ناھىيەسىنىڭ راسئىسا رايونىنى بەش قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بومباردىماندا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلۈپ-كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھۇدەيدە ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە بولۇپ، شەھەردە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ پورت بار. بۇ ئۈچ پورتنىڭ بىرى خۇسىيلار كونترول قىلىۋاتقان ئەسسالىف رايونىدا.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئىسىرائىلىيە پاراخوتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن ھۇدەيدە شەھىرىگە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتتى.

خۇسىيلار 25-فېۋرال (2024) ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سانائانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ شەھەرگە 25 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئالتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر