بلىنكېن ۋاشىنگتوندا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ۋاشىنگتوندا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەنسۇر بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

2107872
بلىنكېن ۋاشىنگتوندا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى ئەمەلدار سۆھبەت باشلاشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر بلىنكېن، ئىراق ۋە رايوندىكى مەۋجۇت ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بارزانى ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر