ئەلرايى نەتىجىلىرىدە ترامپ بىرىنچى ئورۇندا

ئامېرىكادا بۇ يىل (2024-يىلى نويابىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2106444
ئەلرايى نەتىجىلىرىدە ترامپ بىرىنچى ئورۇندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Marquette» قانۇن فاكۇلتېتى 5-فېۋرالدىن 15-فېۋرال ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايسى نامزاتنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

ئەلرايى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ %51 ى ترامپنى، %49 سايلىغۇچى بايدىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلرايىدا قەيت قىلىنىشىچە، بەزى سايلىغۇچىلار نارازى بولغاندا ترامپنى قوللاش نىسبىتى %52 كە چىققان، بايدىننى قوللاش نىسبىتى %48 كە تۆۋەنلىگەن.

ئەلرايىغا قاتناشقانلار ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى سابىق دائىمىي ۋەكىلى نىككى خالېي نامزات بولغان ئەھۋالدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %58 ى ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا بايدىننىڭ ئاۋازى %42 كە تۆۋەنلەيدىكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %73 ى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا ترامپنى، %15 ى خالېينى قوللايدىكەن. دېموكراتلارنىڭ %66 ى بايدىننى قوللايدىغان بولۇپ، %27 ى  قارارسىز ئىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر