خۇسىيلار زەربە بېرىشنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى

يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ئەلخۇسىي قىزىل دېڭىز، ئەدەن قولتۇقى ۋە بابۇل مەندەبتىن ئۆتكەن ئىسىرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىشنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

2106464
خۇسىيلار زەربە بېرىشنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ئەلخۇسىي «ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيەسىدە، غەززەنى قوللاش ئۈچۈن قىزىل دېڭىزدا ۋە ئەدەن قولتۇقىدا قىلىنغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «ئىسىرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان قىزىل دېڭىز ۋە ئومان دېڭىزىدا، ئىسىرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ 48 پاراخوتىغا زەربە بەردۇق» دېدى.

ئۇ قىزىل دېڭىز، ئەدەن قولتۇقى ۋە بابۇلمەندەبتە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىش بىلەن بىرگە، زەربە بېرىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ قىزىل دېڭىز بىلەن ئەرەب دېڭىزىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە «سۇ ئاستى قوراللىرىنى» مۇ قوشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

«غەززە ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىسىرائىلىيە نۇقتىلىرىغا 183 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى، ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.»

ئۇ ئامېرىكانى غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەنى كۈچلۈك قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.

«ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇدەيدەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەلجەببانە رايونىنى تۆت قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر