گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى <كائان>نىڭ سىناق ئۇچۇشىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى «كائان»نىڭ تۇنجى سىناق ئۇچۇشى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

2105986
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى <كائان>نىڭ سىناق ئۇچۇشىغا كەڭ  ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت» گېزىتىنىڭ «بۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، بۇ قەدەم تۈركىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلان دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، «كائان»نىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زامانىۋى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، توختاۋسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، بۇنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قوش ماتورلۇق 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ھەر خىل يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنى رادار ئارقىلىق بايقاشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيە ئاۋىياتسىيە تور بېكىتى «فلۇگرېۋۇې»نىڭ خەۋىرىدە، «كائان»نىڭ تۈركىيەنىڭ ئۈمىد چىرىغى ۋە ئاسماندىكى يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلانى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى ھەمدە بىر قاتار يوشۇرۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە تۈركىيەنىڭ يەرلىك كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

«فىرانكفورتېر ئالگېمېين» گېزىتى بولسا، «تۈركىيە <كائان>نى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققان كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى <كائان>نىڭ ھازىردىن باشلاپلا ئۇكرائىنانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر