گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى24 - فېۋرالدا سىن يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

گ7 رەھبەرلىرىنىڭ ئىتالىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش يىغىنى 24 - فېۋرالدا سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2105112
گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى24 - فېۋرالدا سىن يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەركىب تاپقان گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغانلىقىنىڭ 2 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 24 - فېۋرالدا سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، گ7 رەھبەرلىرىنىڭ ئىتالىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 2022-يىلى 24 – فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 2 – خاتىرە يىللىقىدا سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭمۇ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىتالىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى ئاستىدا يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ7 رەھبەرلىرى يىغىنى بولسا، 13 – ۋە 15 - ئىيۇن كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پۇگلىيا رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر