فىرانسىيە يەمەن ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

يەمەندىكى خۇسىيلار ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2105290
فىرانسىيە يەمەن ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلمەسىرە تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇدەيدەنىڭ ئەلجۇببانى رايونىنى ئىككى قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بومباردىماننىڭ مەقسىتى ۋە نەتىجىسى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەمۇ بۇ توغرىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بۇ جەرياندا، فىرانسىيە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قىزىل دېڭىز بىلە ئەدەن قولتۇقىدا يەمەننىڭ ئىككى دانە ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، يەمەننىڭ ئىككى دانە ئۇچقۇسىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ سۈۋەيىش قانىلىدىن ھۇرمۇز بوغۇزىغىچە دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) قىزىل دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن «ئاسپىدېس» (Aspides) ناملىق بىرلەشمە ھەربىي قىسىمنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ھەربىي قىسىمنىڭ مۇداپىئە مەقسىتىدە تەشكىللەنگەنلىكى، دېڭىز قاتنىشى ۋە سودا پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنە %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر