ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) باشلىقى ئىسرائىلىيەدە تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي ئىسرائىلىيەنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى.

2102764
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) باشلىقى ئىسرائىلىيەدە تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)  نىڭ باياناتىدا، كرىستوفىر ۋراينىڭ رايوندىكى ئۆزگىرىشىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدە خەۋەرسىز، تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ساقچى ۋە ئىستىخبارات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كرىستوفىر ۋراينىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى «ئۇزۇن يىللىق، يېقىن ۋە پۇختا شېرىكلىك» دەپ تەرىپلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)  نىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)  نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىرادىسى تەكىتلىگەن باياناتتا يەنە، كرىستوفىر ۋراينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  خادىملىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ رايونغا ئۆزىنى ئاتىغانلىقلىرى ۋە خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر