ئىسىرائىلىيەدە خەلق ئىككىگە ئايرىلدى

ئىسىرائىلىيەدە «ئاشقۇن ئوڭچىلار غەززەدە ھاماس بىلەن ، ئەسىر ئائىلىلىرى » دېدى.

2100056
ئىسىرائىلىيەدە خەلق ئىككىگە ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەدە تەخمىنەن مىڭ كىشىلىك ئاشقۇن ئوڭچى بىر گۇرۇپپا، غەربىي قۇددۇستىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا توپلاندى.

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان كېلىشىمگە قارشى چىققان نامايىشچىلار، «ھاماسقا ھەربىي جەھەتتىن قىلىنغان بېسىملا ئەسىرلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ»، «نېتانياھۇ، بىز سىز بىلەن بىللە، غەلىبە قىلىڭ»، «ھاماس ئۈچۈن يېقىلغۇ يوق» دەپ شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى، ئىسرائىلىيە بايرىقى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈۋالدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئونلارچە تۇغقانلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى پايتەخت تېل ئاۋىۋغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا، ئۆزئارا مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرغان.

نامايىشچىلار غەززەدىكى ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ رەسىملىرىنى ۋە «ۋاقىت ئاخىرلىشىۋاتىدۇ» دەپ شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈردى.

ھاماسنىڭ قولىدا بەزىلىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان 136 ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىر ۋە جەسەتلەرنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بىلدۈرۈلىشىچە، ھاماس غەززە رايونىدا ھەر بىرى 45 كۈن داۋاملىشىدىغان ئۈچ باسقۇچلۇق مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قوبۇل قىلغان.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھاماسنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئارمىيەنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 1 مىليون 400 مىڭغا يېقىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، كەم دېگەندە 12 مىڭ بالا ۋە 8 مىڭ 190 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 مىڭ 840 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 67 مىڭ 317 ئادەم يارىلاندى.

خارابىلىك ئاستىدا مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىمۇ بومباردىمان قىلىنىپ، ئۇل-ئەسلىھەلەر ۋەيران قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر