ئىراق بىرلەشمە قىسىمنىڭ چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى

ئىراق ئارمىيەسى ئامېرىكا باشچىلىقىدا دائېشقا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمە قىسىمنى «مۇقىملىقنى بۇزغۇچى ئامىل» دەپ قاراپ،«ئامېرىكا خەلقئارالىق قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلماي ئوچۇق-ئاشكارا سۈيىقەست ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

2099883
ئىراق بىرلەشمە قىسىمنىڭ چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى ئامېرىكانىڭ 7-فېۋرال (2024) كەچتە، ئىراق پايتەختى باغدادتىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى كاتىب ھىزبۇللاھنى نىشان قىلغان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ «ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن زۆرۈر» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمە قىسىمنىڭ «مۇقىملىقنى بۇزغۇچى ئامىل» دەپ قارالغان باياناتتا، «بۇ ئەھۋال، مۇقىملىقنى بۇزغۇچى ئامىلغا ئايلانغان ۋە ئىراقنى ئىچكى توقۇنۇشقا ئىتتىرگەن بىرلەشمە قىسىمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك مەجبۇر قىلماقتا. قوراللىق قىسىملىرىمىز ئاساسىي قانۇندىكى مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىگە سەل قارىمايدۇ» دېيىلدى.

بۇ جەرياندا، ئىراق بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسدىكى «بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشى» گە مۇناسىۋەتلىك يىغىننىڭ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئىككى تەرەپ ئالىي ھەربىي كېڭەش رامكىسىدا مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئىراق 25-يانۋار (2024) تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمە قىسىمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشمە قىسىمنى قەدەممۇ قەدەم ئازايتىش ئۈچۈن ۋاقىت جەدۋېلى تۈزۈش توغرىسىدا ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر