بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 2023-يىلى 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان بەشىنچى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولماقتا.

2098290
بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن پايتەخت رىيادتا كۆرۈشتى؛ ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبەت مۇددىتى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بىلەن غەززەدە «ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئانتونىي بلىنكېن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كېيىن مىسىرغا بارىدۇ.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، جەمئىي 27 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر