نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بېشارىتىنى بەردى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بومباردىماندىن قاچقان تەخمىنەن 1.5 مىليون كىشى پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

2097428
نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بېشارىتىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى نېتانياھۇنىڭ غەززەدىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا كابېنت يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، نېتانياھۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بولغان مۇناسىۋەتلەردە ھېچقانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «ھاماسنى يوقىتىش» نىڭ ئاساسلىق نىشان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ ھازىرغىچە ھاماسنىڭ 24 بىرىگادىسىدىن 17 نى يوقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «قېپقالغان بىرىگادىلارنىڭ كۆپىنچىسى غەززەنىڭ جەنۇبى ۋە رەفاھتا پاناھلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنى يوقىتىمىز» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئىسىرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» نامىدا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، نۇرغۇن ئىسىرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىر ئالغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋابەن غەززەدە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى»  باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 27 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر