ياۋروپا ئۇكرائىناغا 50 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلىتىگە 50 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىش قارارىنى، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپانىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2096613
ياۋروپا ئۇكرائىناغا 50 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈن (1-فېۋرال) بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئۇكرائىناغا 50 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم قارارى ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ: «بۇ ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپانىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى. بۇ قارارنىڭ 27 ئەزا دۆلەت تەرىپىدىن ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئۇكرائىنا بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭلارنىڭ ۋە قوللىشىڭلارنىڭ باشقىچە روشەن نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپانىڭ تولۇق بىخەتەرلىكىنى ۋە قارارلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا قارشى ئۇكرائىنا ئالدىنقى سېپىدىكى ھۇجۇملىرىغا بىر رۇس ئىتتىپاقدىشى، يەنى شىمالىي كورېيەدىن كەلتۈرۈلگەن زەمبىرەك ئوقلىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى قوشۇلدى. بۇلار ئۇل-ئەسلىھەلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق سالغان ئىراننىڭ <شاھېد> ئۇچقۇلىرىغا قوشۇلۇپ، شەھەرلىرىمىزگە زىيان سالماقتا. قولغا چۈشۈرگەن ئاخباراتلىرىمىز رۇسىيەنىڭ پىيوڭياڭدىن 1 مىليون پاي زەمبىرەك ئوقى سېتىۋالىدىغانلىقىنى توغرىلىماقتا.»

ئۇ ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنانى 1 مىليون پاي زەمبىرەك ئوقى بىلەن تەمىنلەش پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ پىلاننىڭ كۆپ كېچىككەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپا تىنچلىق فوندى تەركىبىدە كەلگۈسى تۆت يىل ئۈچۈن 5 مىليارد ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىلىدىغان «ئۇكرائىنا ياردەم فوندى» نى تەسىس قىلىشتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئاۋاز بىرلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يانۋار (2024) ئېيىدا شىۋىيېتسارىيەنى زىيارەت قىلغاندا، دۇنيا تىنچلىق رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىش توغرىسىدا پىكىر بىردەكلىكىگە كەلگەنلىكلىرىنى خاتىرىلىتىپ، ياۋروپا رەھبەرلىرىنى يىغىن تەييارلىقلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر