بايدىن يەھۇدىيلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە زوراۋانلىق قىلغان ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

2096582
بايدىن يەھۇدىيلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ غەربىي قىرغاقتا خەۋپسىزلىككە زىيان سالغان ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە زوراۋانلىق قىلغان ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگوسىغا دۇچ كېلىدۇ. ئېمبارگوغا ئىسمى كىرگۈزۈلگەن كىشىلەر، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن پايدىلىنالمايدۇ، ئامېرىكا ۋىزىسى ئالالمايدۇ، ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدۇ ۋە ئامېرىكالىقلار بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدۇ.

پىرېزىدېنت بايدىن مەزكۇر قانۇن تەكلىپى توغرىسىدا توختىلىپ، غەربىي قىرغاقتا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بۇ قەدەمنى باسقانلىقلىرىنى، پەلەستىنلىكلەرگە زوراۋانلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراينىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى قانۇن تەكلىپى رامكىسىدا ھازىردىن باشلاپلا تۆت كىشىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغەاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 381 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر