ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى جەنۇبىي ئافرىقاغا قاتناشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى —ئەل ئال، خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزى سۇنغان جەنۇبىي ئافرىقاغا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2094113
ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى جەنۇبىي ئافرىقاغا قاتناشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى — كان، ئەل ئالنىڭ مارتنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىگە قاتناشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەل ئال ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، جەنۇبىي ئافرىقا تېل ئاۋىۋ ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقاغا ئۇچۇشنى خالىمايدىغانلىقى مەلۇم قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئاۋىياتسىيە سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر