شولز بىلەن زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

2093346
شولز بىلەن زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى شتېفېن ھېبېشتايت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر شولزنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە، پىرېزىدېنت زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئاخىرقى ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرلىرى توغرىسىدا شولزغا مەلۇمات بەرگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك قىلغان ياردىمى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.

باش مىنىستىر شولز رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى قارشىسىدا گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن «تەۋرەنمەس ھەمكارلىق» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ياۋروپا ھەمدە خەلقئارادىكى باشقا شېرىكلەر بىلەن بىرلىكتە يېقىن كوردىناتسىيە ئاستىدا ئۇكرائىنانى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە، 2023-يىلى ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئورتاق خىتابنامەسىنى ئىجرا قىلىش رامكىسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوللاش كېلىشىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك داۋاملىشىۋاتقان ئۇچرىشىشلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن.

مەزكۇر خىتابنامەدە، G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرى ئىچىدە ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ۋە كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملارنى چېكىندۈرەلەيدىغان، مۇستەقىل، دېموكراتىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئۇكرائىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا ئەمەل قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكى يەنە بىر قېتىم يېڭىلانغان ئىدى.

ئەنگلىيە G7دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە ئۇكرائىنا بىلەن بىرىنچى بولۇپ 12-يانۋار (2024) بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەت بولغان ئىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر