ئىسىرائىلىيە ئىككى ئاي ئۇرۇش توختىتىشنى تەكلىپ قىلغان

ھاماس ئىسىرائىلىيەنىڭ بارلىق ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە غەززەدە ئىككى ئاي ئۇرۇش يوختىتىش تەكلىپىنى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ رەت قىلدى.

2092213
ئىسىرائىلىيە ئىككى ئاي ئۇرۇش توختىتىشنى تەكلىپ قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا «Axios» تور بېتى ئىسىرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنى نەقىل قىلىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاماسقا يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاماسنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە، غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئىككى ئاي توختىتىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تەكلىپىنى قاتار ۋە مىسىر ئارقىلىق يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ئەھۋالدا دەسلەپتە ئاياللار ۋە 60 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەر، سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش؛ كېيىنكى قەدەمدە، ئايال ئەسكەرلەر، ئەسكەر بولمىغان 60 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنى قويۇپ بېرىش؛ ئاخىرىدا ئىسىرائىلىيەلىك ئەسكەر ۋە ئەسىرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ پىلان قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ھەر بىر ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بەدىلىگە قانچە پەلەستىنلىك ئەسىرنى قويۇپ بېرىش ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلىدىغان كىشىلەر ئۈستىدە بىرمۇ بىر ئايرىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، غەززەدە 136 ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر