قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى  يارىدار قىلدى

قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ راماللاھ ۋە ئەلخەلىل شەھەرلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ماددىي زىيان سالدى ۋە ئىككى پەلەستىنلىكنى  يارىدار قىلدى.

2091320
قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى  يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راماللاھنىڭ شەرقىدىكى راممون يېزا باشلىقى ئىبراھىم سۇلايمان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ يېزىدىكى پەلەستىنلىك دېھقانلار جايلاشقان رايونغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم سۇلايمان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر پەلەستىنلىكنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ قويلارنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ئىككى پەلەستىنلىك ئائىلە تۇرۇشلۇق بىناغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئوغرىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.

راممون يېزىسىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان ۋە يۈزى قانغا بويالغان پەلەستىنلىكنىڭ سىن كۆرۈنۈشى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى (FKÖ)  غا تەۋە «ئايرىلىش تېمى» (نومۇس تېمى) ۋە يەھۇدىي قارنۇنسىز ئولتۇراق رايون قۇرۇلىشىغا  قارشى كۈرەش كېڭىشىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە ئېلان قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كېڭەش غەربىي قىرغاقنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىق قوغدىشى ئاستىدا، ئەلخەلىلنىڭ جەنۇبىدىكى ماسافەر ياتتا رايونىغا جايلاشقان سۇسىيا يېزىسىدا چارۋا ماللىرىنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرىدە ۋە مۇنبەت زەيتۇن دەرىخى بار باغلىرىدا  ئوتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر