ھىندىستانغا تەۋە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئافغانىستاندا چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەداخشان ۋىلايىتىدە ھىندىستانغا تەۋە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
2091327
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بەدەخشان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر ئالاقە دېرىكتورى زەبىھۇللاھ ئامىرى ھىندىستانغا تەۋە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قۇران-مۇنجان ۋە زىباك ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توپخاكا تېغىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
زەبىھۇللاھ ئامىرى ئەتىگەندە ھادىسە يۈز بەرگەن رايونغا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.